«تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 31 يىللىق خاتىرىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىلدى

بۈگۈن، يەنى 4-ئىيۇن كۈنى 1989-يىلى خىتايدا يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ 31 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارالىق داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا مەزكۇر ۋەقە كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلىندى.

1989-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى كېچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە ئايدىن بۇيان بېيجىڭدىكى تىيەنئەنمېن مەيدانىدا تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلىۋاتقان نەچچە ئون مىڭلىغان ئوقۇغۇچىنى تانكىلار بىلەن قانلىق باستۇرۇپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلتۈرگەن ۋە تۇتقۇن قىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان «تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەن ئىدى.

بۇ خاتىرە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋرن بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو قاتارلىقلار بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز بۈگۈن بېيجىڭ ۋە شۇنداقلا خىتايدىكى 400 دىن ئارتۇق شەھەردە تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلىپ، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلغان ۋە چىرىكلىككە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە باشقىلارنىڭ جاسارىتى ھەم پىداكارلىقىنى ئەسلىمەكتىمىز. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، خىتاي كومپارتىيىسى بۇ تىنچ نامايىشچىلارنى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ھەربىي كۈچ بىلەن باستۇردى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىسلاھاتقا بولغان تىنچ تەلىپىنى تارمار قىلدى.»

ئۇلار باياناتىدا يەنە 31 يىلدىن كېيىنمۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نېگىزلىك ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ھەمىشە رەھىمسىز باستۇرۇشلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. باياناتتا يەنە مۇنۇلار بايان قىلىندى: «بىز بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى بىلەن بىر سەپتىمىز. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز. بىز دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز. بىز ئەركىنلىك ۋە ئاپتونومىيە ۋەدىلىرى سىستېمىلىق ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇۋاتقان خوڭكوڭ خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز. . .»

خىتاي ھۆكۈمىتى تا ھازىرغىچە شۇ قېتىملىق ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە غايىب قىلىۋېتىلگەن كىشىلەرنىڭ ئېنىق سانىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكلىرىنى ئېلان قىلماسلىق بىلەن بىرگە يەنە خىتايدا بۇ ۋەقەگە ئائىت ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ كەلمەكتە. چەتئەللەردىكى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يۇقىرىقى ئەزالىرى باياناتىدا بىردەك بۇنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇچۇر قامالىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ ئالاھىدە ئەمىيەتلىك بىر تەرىپى بىر مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە خىتايدەك چوڭ بىر دۆلەتتىكى بۇ دېموكراتىيە نامايىشىغا ئۆركەش دۆلەتتەك ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ يېتەكغىلىك قىلىشىدۇر.

ئەينى ۋاقىتتا بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئۆركەش دۆلەت خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ۋە پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا تونۇلغان ئىدى. ئۆركەش دۆلەت 1989-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەكىل بولۇپ بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي باش مىنىستىر لى پېڭ بىلەن سۆزلەشكەن ئىدى. ئۇ شۇ قېتىم خىتاي باش مىنىستېرى لى پېڭغا دادىللىق بىلەن سوئال قويغان ۋە كەسكىن ھالدا تالاش-تارتىش قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ جاسارىتى ئەينى ۋاقىتتا خىتايدىكى مىليونلىغان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.