2024-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 35 يىللىقى تولۇش ھارپىسىدا، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر «4-ئىيۇن ۋەقەسى» نى خاتىرىلەشكە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ھەرىكەتنى چەكلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 35 يىل ئاۋۋال تيەنئەنمېن مەيدانىدا نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى، ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تۆلەم بېرىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن، شۇنداقلا ئۇلارنى خاتىرىلىمەكچى بولغانلارنى تۈرمىگە تاشلىغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى مايا ۋاڭ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى خاتىرىسىنى پۈتكۈل خىتاي ۋە خوڭكوڭدا ئۆچۈرمەكچى؛ ئەمما ھۆكۈمەت 35 يىلدىن كېيىنمۇ خىتايدا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلارنى ئەسلەش قىزغىنلىقىنى يوقىتالمىدى».
بۇ ئوبزوردا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى تەلەپلەرگە، تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش چاقىرىقىغا پىسەنت قىلمىدى. ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا يولغا قويغان بىر قىسىم جازا ۋە چەكلىمىلەر يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاجىزلاشتى ياكى نەزەردىن ساقىت قىلىندى. خەلقئارا جەمئىيەت تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى باستۇرۇشقا ئىزچىل ھەم دەل جايىدا ئىنكاس قايتۇرمىدى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بارغانسېرى ھەددىدىن ئاشتى. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىكنىڭ باستۇرۇلۇشى، تىبەتتىكى باستۇرۇشنىڭ ئېغىرلىشىشى قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر».
1989-يىلى 4-ئايدا بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانى ۋە خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پىكىر ئەركىنلىكىگە يول قويۇشنى ۋە چىرىكلىككە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان. بۇ نامايىش 4-ئىيۇن كۈنىگىچە داۋاملاشقان. شۇ چاغدىكى ھەرىكەتتە، ھازىر تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ غوللۇق يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان؛ خىتاي ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، 1989-يىلى 4-ئىيۇن كېچىسى ھەربىي كۈچ بىلەن تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى نامايىشچىلارغا قارىتا تانكىلارنى ئىشقا سېلىپ قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغان؛ باستۇرۇشتا نۇرغۇن ياش ئوقۇغۇچىلار قىرغىن قىلىنغان. مەزكۇر قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بېرىپ، مىڭلىغان ئادەمنى جازالىغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ قېتىملىق باستۇرۇشتا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى زەربە بېرىشتە ئۆلگەن ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ سانىنى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىپ باقمىدى.