بلىنكېن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» دە ئۆلتۈرۈلگەنلەر، غايىب بولغانلار ۋە تۇتقۇنلارنى ئىزدەشنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 4-ئىيۇن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 32 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، 1989-يىلى 4-ئىيۇن كۈنىدىكى قانلىق باستۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن، غايىب بولغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئ‍ىز-دېرىكىنى قىلىشنى توختىتىپ قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

بلىنكېن 3-ئىيۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1989-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە نېگىزلىك ئەركىنلىكىنى قوللىنىپ، ئۆز ھۆكۈمىتىگە تەلەپ سۇنغان ئون مىڭلىغان كىشىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتايدا 1989-يىلى 4-ئايدا خىيانەتچىلىك، پارىخورلىق، چېرىكىلىككە قارشى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ، كەڭ-كۆلەملىك نارازىلىق ھەركىتى پارتلىغان. بۇ ھەرىكەتتە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاۋانگارتلىق رول ئوينىغان. بىراق خىتاي كومپارتىيەسى قوراللىق قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، 1989-يىلى 4-ئىيۇن كېچىسى تيەنئەمېن مەيدانىدىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قانلىق باستۇرغان ئىدى.

بلىنكېن «6-ئاينىڭ 4-كۈنى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تۇرغان باتۇر شەخسلەرنىڭ جاسارىتى بىزگە شۇ كۈنىدىكى ۋەقەنى، جۈملىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتۇن قىلىنغان ياكى غايىب بولغانلارنى ئاشكارلاشنى ھەرگىز توختىتىپ قويماسلىقىمىزنى خاتىرلىتىدۇ،» دەپ كۆرسەتكەن.

4-ئىيۇن كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا خەلقئ‍ارا جەمئىيەتنىڭ «تيەنئەنمېن مەيدانىدىكىگە ئوخشاش قىرغىنچىلىقلار» نىڭ جاۋابكارلىرىنى دەرھال جاۋابكارلىققا تارماسلىقى خىتايدا سۆز ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنىڭ ئارقىغا چېكىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قانلىق باستۇرۇشلارغا كەڭ يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.