«تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دا مەسئۇلىيىتى بولغان خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى پېڭ ئۆلگەن

خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق باشلىقى، 1989-يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن «تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دا بىۋاسىتە قولى بولغان لى پېڭ بۇ يىل 22-ئىيۇل كۈنى 91 يېشىدا ئۆلگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 23-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «شىنخۇا تورى» لى پېڭنىڭ مەلۇم كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋاپات بولۇش سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، لى پېڭ 1989-يىلىدىكى «تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نى قانلىق باستۇرۇشنى كۈچلۈك يوسۇندا تەشەببۇس قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ شۇ يىللىرى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر تۈركۈم قاتتى ققول، كونسېرۋاتىپ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن بىر تەھدىت» دەپ قارىغان. 1989-يىلى ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا لى پېڭ ھەربىي ھالەت بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، خىتاي قوراللىق قىسىمنىڭ بېيجىڭغا كىرىشىگە يول قويغان. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تىنچ ئۇسۇلدا نامايىش قىلىۋاتقان مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرغان. شۇ ۋەجىدىن لى پېڭ «بېيجىڭدىكى كاللا كېسەر» دەپ نام ئالغان.

ئىگىلىنىشىچە، تىيەنئەنمېن مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلار نامايىشى يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلدە شۇ قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئۆركەش دۆلەت خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭ بىلەن خەلق سارىيىدا مۇنازىرىلەشكەن ھەمدە لى پېڭنىڭ ياسالما سۆزلىرىگە نەق مەيداندا قاتتىق رەددىيە بەرگەن.