سابىق تيەنجىن مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى جازالاندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.01.22


خىتاينىڭ مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىرىدىن بىرى تيەنجىن شەھىرىنىڭ سابىق مۇۋەققەت پارتىيە سېكرېتارى ۋە مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى خۇاڭ شىنگو جازالانغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئېلانى ئاساسىدا بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خۇاڭ شىنگو خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، قاتتىق چارە كۆرۈلگەن.

ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنىڭ «ئېغىر دەرىجىدە سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى»نى كۆرسەتكەن،

مەلۇم بولۇشىچە، خۇاڭ شىنگو 2014-يىلى، 12-ئايدا تيەنجىن شەھەر پارتكومنىڭ مۇۋەققەت پارتىيە سېكرېتارلىق ۋە مۇۋەققەت شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، 8 ئايدىن كېيىن، تيەنجىندە پارتلاش يۈز بېرىپ، 165 ئادەم ئۆلگەن ۋە كۆپ ساندا ئادەم يارىلانغان ئىدى. خۇاڭ شىنگو ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان ۋە بۇ يىل، 4-يانۋار كۈنى، خىزمىتى ۋە پارتىيىدىن ھەيدەلگەن.

ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەش ئېلانىدا ئۇنىڭ يەنە تۇرمۇشتا چىرىكلەشكەنلىكى، پارا ئالغانلىقى، سوۋغا قوبۇل قىلغانلىقى قاتارلىق پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلىرى كۆرسىتىلگەن.

خۇاڭ شىنگو خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە،ئەمما خۇاڭ شىنگونىڭ تيەنجىندىكى چوڭ پارتلاش ۋەقەسىدە مەسئۇلىيىتى بار يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان. ۋەھالەنكى، تيەنجىن شەھەرلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا 49 ئادەمنى تيەنجىن دېڭىز ساھىلىدىكى پارتلاش ۋەقەسىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقى سەۋەبىدىن سوتلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.