15 نەپەر تىبەت كادىرىغا «دالاي لاماغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن» دېگەن باھانىدە چارە كۆرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.01.28


تىبەت ئاپتونوم رايونىدا 15 نەپەر تىبەت كادىرغا «دالاي لاماغا ئاخبارات يەتكۈزگەن» دەپ چارە كۆرۈلدى.

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 27 - يانۋاردىكى ئاخباراتىدا، زاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى ۋاڭ گاڭنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، « ئۆتكەن ھەپتە 15 نەپەر زاڭزۇ كادىرى ۋە كومپارتىيە ئەزاسى ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن چارە كۆرۈلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ دالاي گۇرۇھىغا ئاخبارات يەتكۈزگەن دېگەن گۇماندا تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى» خەۋەر قىلىندى.

خەۋەردە يەنە، بۇ تىبەت كادىرلىرى ئارىسىدا ئاپتونوم رايونىدا قانۇنسىز قۇرۇلغان «تىبەت مۇستەقىلچىلىرى يەر ئاستى تەشكىلاتى»غا ئەزا بولغانلار بارلىقى، ئۇلار دالاي لاما گۇرۇھىغا يەتكۈزگەن ئاخباراتلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى» تىلغا ئېلىنغان.

2013 - ۋە 2014 - يىللىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ ۋە شىددەتلىك بولۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2014 - يىلى 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە بىر يىلغا سوزۇلغان «تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تىبەت ئاپتونوم رايونىدىمۇ ئاتالمىش«دالاي لاما گۇرۇھىغا رەربە بېرىش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.