فىرانسىيەنىڭ بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرى مۇشۇ 8-كۈنى ھىندىستاننىڭ دارىمسالا شەھىرىگە بېرىپ سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنى يوقلىدى.
ئۇلار بۇ جەرياندا سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، تىبەت ياشلار تەشكىلاتى ۋە سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئاياللار كومىتېتىنى زىيارەت قىلىپ، فىرانسىيە خەلقىنىڭ تىبەت خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى داۋاملىق ھالدا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خامبېرت، جېان فرانكىس قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن پارلامېنت ئەزالىرى، دۇنيا جامائىتىنىڭ تىبەت مىللىي ھەرىكىتىگە بېرىۋاتقان ياردىمىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن تىبەت خەلقىنىڭ مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە ئەكېلىش ئۈچۈن فىرانسىيە ھۆكۈمىتى، ياۋروپا بىرلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قىستاش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، تىبەت خەلقى ۋە سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن ۋەكىللەر، خىتاي-تىبەت سۆھبىتىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.