خىتاي دائىرىلىرى تىبەت رايونىدىكى ئىنتېرنېت ۋە يانفون ئالاقىسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس تورلاشقان كۆزىتىش قۇرۇلۇشنى تاماملىغان.
خىتاي ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن كېيىن تىبەتتىكى يانفون ۋە ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.
دائىرىلەر، تور ئالاقىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، «توردا ئۆسەك سوز تارقىتىپ، قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش قاتارلىق ئىجتىمائىي جىنايەتلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى، شۇڭا ئۆز ئىسمى بىلەن تىزىملاش تۈزۈمى ئارقىلىق شۇ خىلدىكى جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
تىبەتكە قارىتىلغان بۇ خىل كونتروللۇقلارنىڭ بىردىنلا كۈچەيتىلىشى، تىبەت خەلقنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى يەنە باش كۆتۈرگەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قارشىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار» دەپ ئاتىغان ۋە «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دالاي لاما گۇرۇھى كەلتۈرۈپ چىقارغان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
دالاي لاما بۈگۈنكى باياناتىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ: تىبەتلەر ھەر تەرەپتىن ئازاب چەكمەكتە. ھازىر پۈتۈن تىبەتنى ۋەھىمە قالاپ كەتتى، دېدى.
خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىنلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت چەكلىمىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان ۋە بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۆز ئىسمى بىلەن تورغا چىقىش قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئىدى.