تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 57 يىللىقى داغدۇغىلىق خاتىرىلەندى

10‏- مارت كۈنى تىبەتلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلغان قوزغىلىڭىغا 57 يىل تولغان كۈن.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشايدىغان تىبەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى زور كۆلەملىك نامايىشلار ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلىگەن. ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، نيۇيورك ۋە بوستون قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن.

«ئامېرىكىدا بۈگۈن» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۈگۈن يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن نەنسى پېلوسى ۋە جىم ماكگوۋرنلار 1959-يىلىدىكى تىبەت قوزغىلىڭى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان. ئۇلار باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتلەر بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇشقا چاقىرغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن :

خىتاي بىلەن تىبەت ئارىسىدىكى مەسىلىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم تىبەت خەلقىگە بولغان مودىدىن قالغان كونا پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلار بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈشى كېرەك. دالاي لاما بىلەن ئالاقە ئورنىتىش تىبەت ئۈچۈن يېڭى بىر كېلەچەك يارىتىدىغان ئاچقۇچ بولۇپ، ئۇ تىبەت مەدەنىيىتى، دىنى ۋە تىلى، ئۇلارنىڭ ياشاش ئۇسلۇبىنى قوغداشقا پايدىلىق.

نەنسى پىلوسى ۋە جىم ماكگوۋرنلار يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگىمۇ مەسئۇلىيىتىنى ئەسكەرتىپ «بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تىبەتتىكى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆز قىلىدىغان مەسئۇلىيىتى بار. ئەگەر بىز ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى دەپ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويساق، ئۇ ھالدا بىزنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇقنى تىلغا ئالىدىغان يۈزىمىز قالمايدۇ» دېگەن.