داڭلىق تىبەت كىنو رېژىسسورى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان

داڭلىق تىبەت كىنو رېژىسسورى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان ۋە كېيىن كېسىلى قوزغىلىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پېما تسېدېن ئىسىملىك تىبەت رېژىسسور شەنبە كۈنى چىڭخەي شىنىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇپ كېتىلگەن.

خەۋەردە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تىبەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى روبېرت بارنېتنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، تسېدېن ئەسلى ساقچىخانىدا 5 كۈن تۇتۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دىئابىت كېسىلى بار بولۇپ، بېشى قېيىپ بولالمىغاندىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنى ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلگەن.

پېما تسېدېننىڭ يېقىنى فىلىمى «تھارلو» دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن فىلىم فېستىۋاللىرىدا كۆرسىتىلگەن ۋە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن ئىدى.

ئۇ ئىلگىرى «تىمتاس ئۇلۇغ تاش» ناملىق بىر فىلىم ئىشلەپ ئۇنىڭدا زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلگەن تىبەت ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شىنىڭدىكى بىر ساقچى باياناتچىسى تسېدېننىڭ ساقچىلارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماي، يۈك-تاقا ئېلىش ئورنىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە نۆۋەتتە تسېدېننىڭ قان بېسىمى ۋە قان شېكىرى ئۆرلەش ئالامەتلىرى بويىچە داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 1950-يىلى تىبەتكە بېسىپ كىرگەن. شۇندىن كېيىن تىبەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە تىبەت بۇددىزمىنىڭ مىسلىسىز ۋەيرانچىلىقلارغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.