كانادادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان سۈرگۇندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىىنىڭ باشلىقى لابساڭ سانگاي، 25-فېۋرال باشلىغان ئىككى كۈنلۈك كانادا زىيارىتىدە، كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى گەرى لوكنىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ، تىبەت رايونىغا بېرىپ تىبەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆزىتىپ كېلىشكە چاقىردى.
رادىئومىز تىبەت بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى سىچۈەننىڭ ئابىي رايونىدا يەنە بىر تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان. مەلۇم بولۇشىچە 2009-يىلدىن بۇيان ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن تىبەتلىك 2013- يىلى 25-فېۋرالغا قەدەر 107 نەپەرگە يەتكەن.
