تىبەت تەشكىلاتى پرويېكتور ئارقىلىق خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە دىققەت تارتتى

10-ئىيۇل تىبەت تەشكىلاتى لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ئالما كومپيۇتېرلىرىنى سېتىش دۇكىنى قاتارلىقلارنىڭ تاملىرىغا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەندە ئوخشاش شوئارلارنى پرويېكتور ئارقىلىق چۈشۈرۈپ، جامائەتنىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە تارتتى.

پائالىيەتنى باش شتابى ئامېرىكىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىگە جايلاشقان «خەلقئارا تىبەت تورى» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان. شوئارلار شۇ جاي ۋاقتى 10-ئىيۇل يېرىم كېچىدە پرويېكتور ئارقىلىق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تېمىنى يورۇتقان.

شوئارلار: «خىتايدا ئەركىنلىك يوق، تىبەتكە ئەركىنلىك، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، خوڭكوڭغا ئەركىنلىك» دېگەن سۆزلەردىن تەركىب تاپقان.

مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، بۇ ھەرىكەتتىن مەقسەت خىتاينىڭ «تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە خوڭكوڭدا كېڭىيىۋاتقان باستۇرۇشلىرى» دىكى ئادەمنى شۈركۈندۈرىدىغان ئوخشاشلىقلارغا دىققەت تارتىش ئىكەن.

بۇ خىلدىكى شوئارلار ۋە بىر قىسىم قىسقا فىلىملار يەنە ئوخشاش كۈندە لوندوندىكى ئالما كومپيۇتېرلىرىنى سېتىش دۇكانلىرى ۋە «ئىقتىسادشۇناس» ناملىق گېزىتىنىڭ تەھرىر بۆلۈمى جايلاشقان بىنانىڭ تېمىغىمۇ چۈشۈرۈلگەن.

تەشكىلات شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئالما شىركىتىنى خىتايدىكى ئالما شىركىتى يۇمتال دۇكىنىدىكى تور ئاتلاش ئەپلىرىنى ئېلىۋېتىش قارارىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالما شىركىتى يېقىندا خىتايدىكى يۇمتال دۇكىنىدىن مەۋھۇم خۇسۇسىي تور (VPN) قاتارلىق بىرى قىسىم يۇمتاللارنى ئېلىۋېتىشنى قارار قىلغان. بۇ ئېلىۋېتىلگەن يۇمتاللار خىتايدىكى تىبەتلەرنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بىخەتەر ۋە توسالغۇسىز ئالاقە قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كەلگەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيەدىكى «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتى 2020-يىلىنىڭ بېشىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كورونا ۋىرۇسىغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرىنى ماختايدىغان بىر قىسىم باش ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. تىبەت پائالىيەتچىلەر مەزكۇر گېزىتنىڭ ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى باشقۇرۇشىدىكى «بېيجىڭ تەقرىزى» ژۇرنىلى بىلەن ھەمكارلاشقان ياكى ھەمكارلاشمىغانلىقىنى سورىغان.

تەشكىلاتنىڭ كۆرسىتىشىچە، «بېيجىڭ تەقرىزى» ژۇرنىلى ئىلگىرى «شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك يولغا قويۇلغان قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى ‹ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلاش ئۈچۈن› قۇرۇلغان ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دەپ ئاتىغان» ئىكەن.