ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 20-ماي دۈشەنبە كۈنى يىغىن ئېچىپ، كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە نېپال ۋە ھىندىستاندىكى تىبەت مۇساپىرلىرىغا 5000 كىشىلىك كۆچمەن ۋىزا بېرىشنى قاراردىن ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكا ئاۋازى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، بۇ تەكلىپنى سۇنغۇچى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پالاتا ئەزاسى دىئاننې فېئىنتېئىن خانىمنىڭ «تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى يەنىلا ناھايىتى ناچار ھالەتتە. تىبەتلىكلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتىدۇ. دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 110 نەپەر تىبەتلىك ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالدى» دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلىپ كۆرسەتكەن.
دىئاننا خانىم يەنە، بۇ قېتىمقى قارارنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «بۇ قېتىمقى قارار تىبەت تەشكىلاتلىرىغا ھەمكارلىشىپ، يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان تىبەتلىكلەرنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تىبەتكە قايتىشنى قولغا كەلتۈرگەنگە قەدەر، تىبەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىشىدا رول ئوينايدۇ» دېگەن.