سۈرگۈندىكى تىبەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرىدىن بىرى ئاچوك رىنپوچې ئىسىملىك راھىپنىڭ خىتايغا قايتىپ ئۆز يۇرتىغا ئورۇنلىشىشى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان.
خىتاي ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدىن «خەلق تورى» ۋە باشقىلار بۇ خەۋەرنى تارقاتقان بولۇپ، 71 ياشلىق ئاچوك رىنپوچې بۇ يىل خىتايغا قايتىپ داۋالىنىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن 5-ئايدا خىتاينىڭ سىچۇئەن ئۆلكىسىدىكى ئابا ناھىيىسىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان ئىكەن. 9-ئاينىڭ 22-كۈنى سىچۇئەن ئۆلكىسى كومپارتىيە كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈي باۋخۇئا ئاباغا بېرىپ، مەزكۇر راھىپنى يوقلىغان. ئەمما خەۋەر پەقەت 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاشكارا ئېلان قىلىنغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەتبۇئاتى مەزكۇر تىبەت راھىبىنىڭ سىچۇئەن پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەندە«مەن ھازىر ھەقىقىي خىتاي پۇقراسى بولدۇم» دەپ پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ، ھىندىستاندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇزۇن يىللار دالاي لاماغا ئەگىشىپ پائالىيەت قىلغان ئىكەن. ئەمما، ئۇ 1982-يىلى بىر قېتىم يۇرتىنى زىيارەت قىلغان. 2012-يىلى يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ خىتايغا قايتىشى تەستىقلانغان، 2014-يىلى كېسەل بولۇپ قالغاندا خىتايدا داۋالىنىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ يىل 5-ئايدا يۇرتىغا قايتىپ بىراقلا خىتاي پۇقراسى بولۇپ، ئۆز يۇرتىدا قېلىشنى قارار قىلغان.
تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋە دالاي لامانىڭ مەزكۇر يۇقىرى دەرىجىلىك تىبەت راھىبىنىڭ خىتايغا قايتىپ ماكانلىشىشى ھەققىدە قانداق ئىنكاستا بولۇۋاتقانلىقىغا ئائىت خەۋەر يوق. ئەمما، ئانالىزچىلار مەزكۇر راھىبنىڭ تىبەت سۈرگۈندىكى ھەرىكىتىدىن قول ئۈزۈپ، ئۆز يۇرتىغا ماكانلىشىشىدا خىتاي بىرلىكسەپ دائىرىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.