خىتاينىڭ تىبەتتىن تونىل ئارىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە سۇ يۆتكەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان مۇلاھىزىلەردە بۇنىڭ بىر خام خىيال ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خوڭكوڭدىن چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» دە بۇ ھەپتە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە خىتاي ئىنژېنېرلىرىنىڭ يارلۇ زاڭبۇ دەرياسى سۈيىنى تەكلىماكان قۇملۇقىغا باشلايدىغان 1 مىڭ كىلومېتىرلىق تونىل ياساشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.
خەۋەردە مەزكۇر تونىلنىڭ تىبەت ئېگىزلىكىدىن باشلىنىدىغانلىقى، بىر نەچچە يەردە شارقىراتمىلار ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئاخىرى تەكلىماكاندىكى سۇ مەنبەلىرىگە ئۇلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ئىنژېنېرلىرى بۇ يىل ئاۋغۇستتىن بۇيان يۈننەن ئۆلكىسىدە 600 كىلومېتىرلىق بىر سۇ يەتكۈزۈش تونىلى ياساشقا باشلىغان. بۇ تونىلغا ئىككى يۇقىرى سۈرەتلىك پويىز سىغىدىغان بولۇپ، تونىللار دېڭىز يۈزىدىن نەچچە مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ چوققىلىرىدىن ئۆتىدىكەن.
خەۋەردە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، يۈننەندە ياسىلىۋاتقان بۇ سۇ تونىلىنى كەلگۈسىدە ياسىلىش پىلان قىلىنغان تىبەت-تەكلىماكان سۇ تونىلىنىڭ سىناق نۇسخىسى دېيىشكىمۇ بولىدىكەن.
ھالبۇكى، ئاۋسترالىيەدىكى كەلگۈسى يۆلىنىشلەر ناملىق خەلقئارالىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى بۇ قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇلار، جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە، خىتاينىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، تېخنولوگىيە ۋە گېئولوگىيىلىك رېئاللىقلار تۈپەيلى مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ روياپقا چىقمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
مۇلاھىزىگە قارىغاندا، تىبەتتىن باشلىنىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ ھىندىستان قاتارلىق قوشنا ئەللەرگە تۇتىشىدىغانلىقى سەۋەبلىك، يارلۇ زاڭبۇ دەرياسى سۈيىنى باشقا ياققا باشلاپ كېتىش، ئەزەلدىن سۇ قىس بولغان ھىندىستاندا كەسكىن ئىنكاس قوزغايدىكەن.
مۇلاھىزىدە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ ساڭگاي خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشىنى «سۇ بومبىسى» دەپ ئاتىغان ۋە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتايدا نۆۋەتتە بۇنداق مۇرەككەپ سۇ باشلاش قۇرۇلۇشىنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇدەك تېخنىكا ھازىرلانمىغاننىڭ ئۈستىگە، تىبەت ئېگىزلىكىدىكى گېئولوگىيىلىك رېئاللىق خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىغا زور رىقابەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن.