تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئۆركەش دۆلەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رەھىمە مەخمۇت 4-ئىيۇن «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدىن ساۋاق ئالمىغانلىقى، بۇنىڭدىن 33 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنىڭ دۇنياۋى مۇستەبىتلىك ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1989-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى ھەربىي تانكىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆز پۇقرالىرىنى باستۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن كېيىنكى كېلەچىكىگە بولغان دېموكراتىك ئۈمىدلىرىنىمۇ يوققا چىقارغان.
ئۆركەش دۆلەت بىلەن رەھىمە مەخمۇت «دۇنيا تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى قىرغىنچىلىقتىن ساۋاق ئالمىدى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، دەسلەپكى ۋاقىتتا غەرب دۇنياسى خىتايغا جازا يۈرگۈزۈپ، قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئىشىكنى ئېچىش ئارزۇسى ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك يارىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانغانلىقى، بۇ، غەربنىڭ ياخشىچاق بولۇش خىتايغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ئەركىنلىكنى ئالغا سۈرىدۇ، دېگەن خاتا نەزەرىيەنىڭ تۈرتكىسىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئۇيغۇرلار تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى قىرغىنچىلىقتىن كېيىنكى كونترولسىز باستۇرۇشنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىرى. خەلقىمىز نەچچە ئون يىللاردىن بېرى دۆلەت زوراۋانلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، بىز ھازىر دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئالدىن كۆرەلمىدۇق.»
ماقالىدە يەنە بۇنىڭغا قارىماي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەمەلىي تەدبىر قوللانمىغانلىقى، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن يەنىلا كۈچلۈك سودا ئالاقىسى بارلىقى، خەلقئارا شىركەتلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زەھەرلىشىگە قارشى تۇرۇشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «قارىغاندا دۇنيا تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى قىرغىنچىلىقتىن ساۋاق ئالمىغاندەك قىلىدۇ. ئەكسىچە، دۇنيا ئۇخلاپ ياتقاندا خىتاي مۇستەبىتلىكى يامراپ، تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلىگۈدەك يەرمۇ ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.