خىتاينىڭ «بايتې دەنس» شىركىتى تىك-توك سۇپىسىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى سىن يوللانملىرىنى چەكلىمەكچى بولغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-02-23
Share

خىتايدىكى «بايتې دەنس» (زىجيې تياۋدوڭ) شىركىتىنىڭ ئالگورىزىمنى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ تىك-توك ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى سىن تارقىتىشلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «سودا ئىچكى خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىركەتنىڭ بىر سابىق خادىمى «بايتې دەنس» نىڭ تىك-توك سۇپىسىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى سىن تارقىتىشلىرىئىنى چەكلەيدىغان ئالگورىزىم قۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خادىم ئىلگىرى «بايتې دەنس» نىڭ يۇمشاق دېتال تەتقىقات گۇرۇپپىسىدا ئىشلىگەن ئىكەن.

ئۇ: «بىزگە دويىنغا يوللانغان ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنلارنى ئاپتوماتىك بايقاپ، نەق مەيدان تارقىتىلىشىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان ئالگورىزىم تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز توغرىسىدا كۆپ قېتىم تەلەپ كەلدى» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تىك-توكنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئۇيغۇرچىنى بىلمىگەچكە ئۇلار دائىم ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغانلارنى خىتايچە سۆزلەشكە ئاگاھلاندۇرىدىكەن. بۇ خادىم، بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ نەق مەيدان سىن تارقىتىشى ئۈزۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، شىركەت بۇ كاشىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدىكى سىن تارقىتىشلىرىنى بىراقلا ئۈزۈپ تاشلايدىغان ئالگورىزىم قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.

بىراق ئۇ بۇ شىركەتنىڭ بۇ خىل يۇمتالنى ياساپ چىقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «بايتې دەنس» نىڭ باياناتچىسى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. تىك-توكنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئەنگلىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەرگەندە تىك-توكنىڭ بۇرۇن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى سېنزورلىغانلىقى، بىراق ھازىر ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ كېيىنرەك ئۆزىنىڭ خاتا سۆزلەپ قويغانلىقى، تىك-توكنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇنداق كونكرېت سىياسىتى يوقلۇقىنى ئېيتقانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت