ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ تىك توكنى چەكلىمەكچى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.03.17

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدە، ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ۋە بېلگىيە خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئەپ دېتالى دەپ قارىلىۋاتقان تىك توكنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىتىشتىن چەكلەۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا ئەنگلىيەمۇ قېتىلغان.

ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ 16-مارت كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەسلەكداشلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا ئەمەلدارلار ئەنگلىيە ئۇچۇر كومىسسارىغا تەلەپ سۇنۇپ، خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدىكى تىك توكنىڭ ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.

ئەنگلىيەدىكى خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكىدىن كەلگەن خەتتە «تىك توك ئەپ دېتالى ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنىغا ئەمەل قىلمايدۇ» دېيىلگەن. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارىشىچە، تىك توك ئەگەر بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ئامالىنى تاپالمىسا، ئەنگلىيەدىكى تىجارىتىنى توختىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئولىۋېر دوردېن(Oliver Dowden) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى تىك توكنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، بۇ ئەپ دېتالىنى ئەنگلىيە مىنىستىرلىرى، مەسلىھەتچىلىرى ۋە مەمۇرلىرىنىڭ ئىشلىتىشىنى دەرھال چەكلەيدىكەن.

ئولىۋېر دوردېننىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا ۋە دۇنيادا يۈز مىليونلاپ ئابونتى بولغان بۇ ئەپ دېتالى ئۇنى ئىشلەتكۈچىلەردىن تېلېفوندىكى سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلارنى ئوچۇق قويۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدىكەن. ئاندىن خىتاي تەرەپ ئۇ ئۇچۇرلارغا ئاسانلا ئېرىشىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ئەنگلىيەنىڭ تىك توكنى چەكلىمەكچى بولۇشىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ: «بۇ، ئەنگلىيەنىڭ سىياسىي قارارى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەنگلىيەدە سودا قىلىش ئىشەنچى شۇنىڭ بىلەن بۇزۇلىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.