FBI دىرېكتورى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تىك-توك› ئورنىتىلغان ئۈسكۈنىلەرنى كونترول قىلالايدۇ!»

يېقىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى قارمىقىدىكى ئىستىخبارات كومىتېتى چاقىرغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ دىرېكتورى كرىس راي (Chris Wray) مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تىك-توك» ئارقىلىق مەزكۇر ئەپ ئورنىتىلغان ئۈسكۈنىلەرنى كونترول قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان «تىك-توك» نىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا تەۋەسىدىن «تىك-توك» نى ئۈزېل-كېسىل چەكلەش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، بۇ مەسىلە يەنە بىر قېتىم مەركىزىي تېما بولغان. شۇ قاتاردا مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبيو (Marco Rubio)، «ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر قىلسا، ‹تىك-توك› شىركىتى مەزكۇر ئەپ ئورنىتىلغان مىليونلىغان ئۈسكۈنىلەرنى كونترول قىلالامدۇ؟» دەپ سورىغاندا، راي ئەپەندى كەسكىنلىك بىلەن «شۇنداق!» دەپ جاۋاب بەرگەن.

راي ئەپەندى ئۆز سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى كونترول قىلالىغان مىليونلىغان ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق يەنە ئامېرىكا تەۋەسىدىكى «تىك-توك» ئىشلەتكۈچىلەرنى بىر-بىرىگە قارشى قىلىپ سېلىپ قويالايدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھەرقانداق شىركەت جەزمەن ھۆكۈمەت بىلەن شەرتسىز ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ باشقا تاللىشى بولمايدىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى، «تىك-توك» پەقەت ئامېرىكا تەۋەسىدىكى قوللانغۇچىلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولغاچقا، خىتاي تەۋەسىدىكى قوللانغۇچىلار ئۇنىڭ خىتايچە نەشرى بولغان «دويىن» نى ئىشلىتىدىكەن. قوللانغۇچىلارنىڭ رايون پەرقىدىكى چەكلىمە تۈپەيلىدىن ئامېرىكا تەۋەسىدىكىلەر «دويىن» نى ياكى خىتاي تەۋەسىدىكىلەر «تىك-توك» نى چۈشۈرەلمەيدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تەۋەسىدە «تىك-توك» نى قوللانغۇچىلار يۈز مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، دەل مۇشۇ خىل ئەندىشىلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت تارقىتىپ بەرگەن ئۈسكۈنىلەرگە «تىك-توك» نى ئورنىتىشنى مەنئىي قىلىش ھەققىدە قارار ئالغان. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ بۇ خىلدىكى مەنئىي قىلىشلار يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.