خىتاينىڭ داڭلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى-تىك-توكنىڭ سىنگاپورلۇق خىتايلاردىن بولغان ئىجرائىيە دىرېكتورى جوۋ شوۋزى 23-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، تىكتوكنىڭ خىتايدىكى باش شىركىتى-زىجيې تياۋدوڭ يەنى بايتېدەنسنىڭ تىك-توك ئابۇنتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. لېكىن ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئېنېرگىيە ۋە سودا كومىتېتىنىڭ چاقىرغان بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنىدا، جوۋ شوۋزى ئىنتايىن كەسكىن سۇئاللارغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇ پرېزىدېنت بايدېنغا تىك توكنى چەكلەش ھوقۇقى بېرىش-بەرمەسلىكنى ئويلىشىۋاتقان پالاتا ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن.
ئۇ، ئۆزىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە مۇساپە قويۇپ، پالاتا ئەزالىرىنى تىك-توكنىڭ مۇستەقىل شىركەت ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن پالاتا ئەزالىرىنى قايىل قىلىشتا قىينالغان. ئاۋام پالاتا ئەزاسى، كومىتېت رەئىسى كەتىي مىكموررىس روجېرس خانىم: «تىك-توك خىتاي دۇنيانىڭ ئۇنتۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ۋەقە ۋە خەلقلەرنى يۇيۇپ تاشلاشقا ياردەم قىلدى. ھەتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشى، قىيىن-قىستاققا ئېلىشىنى پاش قىلغان ئامېرىكالىق ياشنى چەكلىدى» دېگەن.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، تىك-توك بىر جاسۇسلۇق قورالى بولۇپ، چەكلىنىشى كېرەك ئىكەن. يىغىندا، ئاۋام پالاتا ئەزاسى نىل دۇچ جوۋ شپۋزىغا خىتابەن «بىز بۇ ئىشتا سىزنى ئىشەنچلىك، دەپ قارىمايمىز» دەپ كۆرسەتكەن.
جوۋ شوۋزى يەنە ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى دەبى لېسكوننىڭ قايتا، قايتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى جازالاۋاتقانلىقىنى، باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلامسىز؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ: «مېنىڭ بۇ يەردىكى ۋەزىپەم تىك-توكنىڭ ئىشلىرىغا چۈشەنچە بېرىش» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، تىك-توكنىڭ بېيجىڭدىكى باش شىركىتى بولغان بايتېدەنس خىتايىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى شۇ سەۋەبتىن بايتېدەنسنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.
