ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارك ۋارنېر (Mark Warner) ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ تىك-توكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ قانۇن لايىھەسى دۆلەت مەجلىسىدىن ئۆتسە، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى چەكلەش يولىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مارك ۋارنېر 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكا CBS(كولومبىيە رادىيو شىركىتى) تېلىۋىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى سېناتورلارنىڭ تىك-توكنى چەكلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان تىك-توكنىڭ ئامېرىكاغا ئېلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەھدىتى ۋە ئىجتىمائىي خەتىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا تىك-توكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىگە باشقىچە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
مارك ۋارنېر مۇنداق دېدى: «يىغىپ ئېيتقاندا، تىك-تىك خىتاينىڭ Byte Dance (دوۋيىن) شىركىتىگە تەۋە. خىتاينىڭ قانۇنى بويىچە، بۇ شىركەت ھەر قانداق ئۇچۇرىنى خىتاي كومپاتىيەسىگە تەمىنلەپ بېرىشى كېرەك. مېنىڭ قورقىدىغىنىم، 150 مىليون ئامېرىكالىق ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 90 مىنۇت تىك-توك ئوينايدۇ. خىتاي تىك-توك ئارقىلىق، ئۇچۇر ئوغرىلاش ۋە تەشۋىقات مەقسىتىگە يەتمەكتە».
مارك ۋارنېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون تۇنى (John Thune) بىلەن بىرلىكتە «ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى چەكلەش قانۇن-لايىھەسى» تۈزگەن. كېڭەش پالاتاسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان 22 سېناتور بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللىغان.
بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغاندىن كېيىن، بايدېن ھۆكۈمىتى تىك-توكنى چەكلەش ياكى ساتقۇزۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئېنىرگىيە ۋە سودا كومىتېتى ئالدىنقى ھەپتە تىك-توك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جو شوۋزىدىن گۇۋاھلىق ئېلىپ، تىك-توكنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا خەتەر ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كەسكىن سوئاللارنى قويغانىدى.