پرېزىدېنت جوۋ بايدېن تىكتوكنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويدى
2024.04.24
دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان تىكتوكنى چەكلەشنى ماقۇللايدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاشنى تېزلەتكەنىدى.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 24-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن تىكتوكنى چەكلەيدىغان ياكى ئۇنى ساتقۇزىدىغان قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدىن بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان تىكتوك سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىغا زىيان سېلىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىغان.
پرېزىدېنت جوۋ بايدېن 24-ئاپرېل كۈنى تىكتوكنى چەكلەش ياكى ساتقۇزۇش قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئۇ قانۇنغا ئايلانغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن تىكتوك كەلگۈسى 9 ئاي ئىچىدە سېتىلىدىكەن، ئەگەر سېتىلمىسا ئامېرىكا مىقياسىدا پۈتۈنلەي چەكلىنىدىكەن.
تىكتوكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنىدى.
ئامېرىكادىكى ئابونتلىرى 170 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن تىكتوك ئامېرىكادا ئۆز ئالدىغا ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت چەمبىرى قۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا روھىغا ۋە ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشىغا خىرىس ئېلىپ كەلگەن، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىنى بۇزۇشتا ئالاھىدە رول ئويناپ كەلگەنىدى. تىكتوك يەنە ئامېرىكا ئابونتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەمىنلەپ بەرگەنلىكى بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەنىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تىكتوك شىركىتى 24-ئاپرېل كۈنى بايانات بېرىپ، بۇ قانۇن ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىپ، مۇشەققەتلىك دەۋا-دەستۇر ئىشلىرىنى باشلايدىغانلىقىنى، «ئامېرىكادىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش» ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.