تىك-توكنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەنقىد قىلغان مەشغۇلات دىرېكتورى ۋەزىپىسىن ئىستىپا بەرگەن

خىتاينىڭ خەلقئارادا داڭلىق ۋىدېيو ئالاقە سۇپىسى بولغان تىك-توكنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەنقىد قىلغان باش مەشغۇلات دېرىكتورى ۋاننېسسا پاپپاس ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. ۋاننېسسا پاپپاسنىڭ تۇيۇقسىز ئىستىپا بېرىشى، ئۇنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى بىلەن باغلىنىشلىق ياكى ئەمەسلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس. باش ئىجرائىيە دېرىكتورى جاۋ شاۋزېنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋاننېسسا پاپپاسنىڭ «ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىغا قايتا مەركەزلىشىش ئۈچۈن ئىستىپا بەرگەنلىكى» تەكىتلەنگەن. ۋاننېسسا پاپپاس بۇ يىل 3-ئايدا تۋېتتېردا قىلغان بىر سۆزىدە، خىتاينىڭ ئ‍ۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغنچىلىقىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەشتىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۈرۈپ كەلگەن جاۋ شاۋزېغا سېلىشتۇرۇما بولۇپ قالغان.

جاۋ شاۋزې بۇ يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا گۇۋاھلىق بەرگەندە، بىر ئاۋام پالاتا ئەزاسىنىڭ ئۇنىڭدىن سورىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەيدىغان-ئەيىبلىمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئالىغا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ئەمما ۋاننېسسا پاپپاس تۋىتتېردا بۇ ھەقتىكى سوئالغا قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئامېرىكا NBC خەۋەرلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، تىك-توك ۋاننېسسا پاپپاسنىڭ ئورنىغا دىسنېي شىركىتىنىڭ سابىق ئ‍اخبارات باياناتچىسى زېنىيا مۇچا تەيىنلەنگەن.

لېكىن ۋاننېسسا پاپپاس تىك-تىكنىڭ خىزمەتچىلىرىگە قالدۇرغان سۆزىدە «تىك-توكتا قولغا كەلتۈرۈلگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاخىرى ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىمنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قايتا ئويلىنىشنىڭ مۇۋاپىق پەيتى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم» دېگەن. بۇ يىل 23-مارت كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 5 سائەتلىك گۇۋاھلىق يىغىنىدا، جاۋ شاۋزې پالاتا ئەزالىرىنى قايىل قىلالمىغان، پالاتا ئەزالىرى تىك-توكنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. ھەتتا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو يېقىندا جاۋ شاۋزېنىڭ شۇ قېتىملىق يىغىندا پالاتا ئەزالىرىغا «يالغان مەلۇمات» بەرگەنلىكى، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جاۋشاۋزې ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.