ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدە تىك-توكنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا سىڭىپ كىرىش ۋە شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاش قىلمىشى پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تەرىپىدىن جىددىي قارىلىۋاتقان مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى چەكلەش قىيىنغا توختىغان.
«ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى بۇ يىل 3-ئايدا «تىك-توكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» تۈزگەندىن كېيىن، تىك-توك بۇنىڭغا پۈتۈن كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارك ۋارنېر(Mark Warner) نىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىك-توك شىركىتى 100 مىليون دوللار خەجلەپ كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات ۋە لوبىچىلىق پائالىيەتلىرى تەشكىللەپ، بۇ قانۇننىڭ روياپقا چىقىشى ۋە ماقۇللىنىشىنى كەينىگە سۈرۈۋەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، باش شىتابى خىتايغا جايلاشقان تىك-توك شىركىتىنىڭ ئامېرىكادا 150 مىليون ئابونتى بولۇپ، ئۇلار 2022-يىلدىمۇ 5 مىليون 400 مىڭ دوللار خەجلەپ، چەكلىنىش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ قالغان.
ئاۋسترالىيە «ABC خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى چەت ئەل ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ خەتىرىنى تىزگىنلەش كومىتېتى رەئىسى جەيمېس پاتېرسون (James Paterson) تىك-تڭك ھەققىدە ئېچىلغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا «تىك-توكنىڭ باش شىركىتى ByteDance(دويىن) خىتايدىمۇ ئەمەسمۇ؟» دەپ سوئال قويغاندا، تىك-توكنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى دىرېكتورى ئېللا ۋودس جويس (Ella Woods Joyce) تىك-توكنىڭ باش شىتابىنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. جەيمېس پاتېرسون بۇ جاۋابتىن نارازى بولۇپ: «سىزنى كونترول قىلىۋاتقان باش شىركىتىڭىزنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى راستىنلا دەپ بېرەلمەمسىز؟ سىز ئۇ شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيمەن دېسىڭىز، سوئاللىرىمىزغا سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بېرەلمەيسىز، مېنىمۇ قايمۇقتۇرۇپ قويىسىز» دەپ قاتتىق تەگكەن.
تىك-توكتا ئىشلەيدىغان خىتاي خىزمەتچىلىرى ئاۋسترالىيەدىكى تىك-توك ئابونتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشەلەمدۇ-يوق دېگەن مەسىلە سورالغاندا، تىك-توكنىڭ ئامېرىكادىكى سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى بۆلۈمىدىن ۋىل فاررېل (Will Farrel) بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ ھەقتە ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق» دېگەن.
نۆۋەتتە، تىك-توكنىڭ ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ئورنى ۋە تەسىرى يەنىلا كۈچلۈك ئىكەن. ئامېرىكا رەقەملىك ئۇچۇر تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جويل تايېر (Joel Thayer) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىك-توك ھازىرمۇ ئامېرىكادا دەۋر سۈرۈۋاتقان ۋە پۇل تېپىۋاتقان بازارلىق ئەپ دېتالى بولۇپ، تىك-توك شىركىتىنىڭ تەشۋىقات ۋە لوبىچىلىق ھەرىكىتى بەلگىلىك نەتىجە قازانغان.