«تىك-توك» نىڭ ياۋروپادىكى «خىتاي تەشۋىقاتى» دىققەت قوزغىماقتا

«تىك-توك» نىڭ ئېلان ئامبىرىدىن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تۆكمە قىلىۋېتىلگەن ئېلانلار ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئىناق جەمئىيەت ۋە بەختىيار ھايات» قا دائىر مەزمۇنلارنىڭ زور سالماقنى ئىگىلەۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. «فوربېس» تورىنىڭ 26-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنى مەدھىيەلەش مەزمۇنىدىكى بۇ ئېلانلار نۆۋەتتە ياۋروپادىكى نەچچە مىليون تىك-توك قوللانغۇچىلىرىنىڭ ھېساباتلىرىدا كۆرۈنۈشكە باشلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجابىي ئوبرازىنى تىكلەشنى كۆزلىگەن بۇ ئېلانلار ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى تىك-توك ئوينىغۇچىلارنىڭ ھېساباتلىرىدا كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ، بۇ ئېلانلار ئامېرىكا، كانادا ياكى ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردىكى تىك-توك قوللانغۇچىلىرىنىڭ ھېساباتىدا بېرىلگەن كونا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. شۇلار قاتارىدا خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بىرىنىڭ تىك-توك ھېساباتىدا بېرىلگەن 124 پارچە ئېلاننىڭ 92 سى ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى مەزمۇنلار بولغان. بۇ ئېلانلاردىن 2023-يىلى مارت ئېيىدا يوللانغان بىرىگە «شىنجاڭ دېگەن ئاجايىپ ياخشى ماكان» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ھەمدە بىر ئۇيغۇر ئەرنىڭ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىسقا ۋىدىيوسىنى قىستۇرۇپ قويغان. يەنە بىرىدە بولسا خىتاي مۇخبىرنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنى زىيارەت قىلىشى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار بېرىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مائارىپ مەدھىيەلەنگەن.

قىزىقارلىق يېرى، ياۋروپانى نىشان قىلغان بۇ تىك-توك ئېلانلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان «چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرگەنلىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلارمۇ زور سالماقنى ئىگىلىگەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن «غەرب ئاخباراتلىرىدا ئېيتىلىۋاتقان شىنجاڭ ھەققىدىكى سەلبىي بايانلار پۈتۈنلەي ئاساسسىز. بىز بۇ جايدا ھېچقانداق قىرغىنچىلىقنى كۆرمىدۇق» دېگەن.

ھالبۇكى، تىك-توكنىڭ ئېلان قىسمىدىكى «كۆپ سورىلىدىغان سوئاللار» بۆلۈكىدە «بىز ھېچقاچان سىياسىي مەۋقە ياكى سايلام نەتىجىسىگە باغلىنىشلىق ئېلانلارغا ئورۇن بەرمەيمىز» دېيىلگەن. تىك-توكنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىدا بولۇشى، شۇنىڭدەك ئىزچىل دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قوللانغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمبەھىرلەيدىغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئىزچىل تىك-توكنى مەنئىي قىلىشنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن ھالقىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «تەشۋىقات قورالى» بولۇشى بۇنىڭدىكى بىر يېڭى يۈزلىنىش بولۇپ قالماقتا.