«تىك-توك» ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يەنە بىر قېتىم مۇھىم تېما بولدى

31-يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا «تىك-توك» نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جۇ شوۋزى (Shou Zi Chew) يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ كەسكىن سوئاللىرىغا دۇچ كەلدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى توم كاتتون (Tom Cotton) سوئال سوراش نۆۋىتى كەلگەندە ئۇنىڭدىن «سىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى (ترامپ ھۆكۈمىتى ۋە بايدىن ھۆكۈمىتى) ئېيتقان ‹خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ› دېگەن ھۆكۈمگە قوشۇلامسىز؟ » دەپ سورىغان. جۇ شوۋزى گەپنى باشقا ياققا بۇراپ «تىك-توك» مۇنبىرىنىڭ باشقىلارنىڭ ھەرقانداق تېما ھەققىدىكى ھەرقانداق پىكرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن توم كاتتون ئۇنىڭدىن قايتا-قايتىلاپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى قىرغىنچىلىق قىلىۋاتامدۇ؟ » دېگەن سوئالنى ئىككى قېتىم سورىغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا گەپنى ئېلىپ قاچقان. ئۇنىڭ خۇپسەنلىك بىلەن گەپ يورغىلىتىشىدىن كېيىن توم كاتتون «پىرېزىدېنت بايدىن ئىلگىرى شى جىنپىڭنى ‹دىكتاتور› دەپ ئاتىغان. سىز بۇنىڭغا قوشۇلامسىز؟ » دەپ سورىغاندا، ئۇ «مەن ھېچقاچان، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ رەھبىرىگە باھا بەرمەيمەن» دېگەن.

بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنىدىن كېيىن جۇ شوۋزىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم گەپ يورغىلىتىشى، ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. شۇ قاتاردا NBA نىڭ سابىق توپچىلىرىدىن ئەنەس كەنتەر ئۆزىنىڭ X بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ «جۇ شوۋزىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىۋاتقان ھالىتىگە قاراڭلار. ئۇنىڭ كۆزىدىكى قورقۇنچنى كۆرۈۋاتامسىلەر؟» دېگەن. شۇنىڭدەك «گۇگۇل» ، «يۇتۇب»، «فېيسبۇك» قاتارلىق ئەپلەرنىڭ خىتايدا مەنئى قىلىنغانلىقى، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى كونتروللۇقىدىكى «تىك-توك» نىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدە ئەركىن يايراپ نازارەت ۋە ياشلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش بىلەن مەشغۇل بولۇشىغا يول قويۇلۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن.