ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى بېرىلگەن مەخسۇس خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) دىن تىك-توك (Tik-tok) قاتارلىق خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشىدىن دوكلات بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر ۋە مەزكۇر كومىتېتىنىڭ باشقا 22 ئەزاسى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە خەت يېزىپ، تىك-توك ۋە بايىت دەنىس قاتارلىق خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرىنىڭ ئامېرىكالىقلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلىرىنى خىتاي كومپارتىيەسىگە تەمىنلەشتەك قىلمىشلىرىنى جىددىي تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
دوكلاتقا قارىغاندا، تىك-توك قاتارلىق خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرى ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان. بۇ ئەپلەرنى قوللانغان ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۆزلىرىمۇ سەزمىگەن ھالدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىپى ۋە كونتروللۇقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ FBI غا يازغان خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز ئامېرىكا پۇقرالىرىنى بۇ كەڭ تارقالغان تەھدىتتىن قوغداش ئۈچۈن، زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىشىمىز كېرەك. بىز ئىلگىرى بۇ تەھدىتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاممىۋى ۋە ئاممىۋى بولمىغان مەنبەلەردىن ئۆگەندۇق. نۆۋەتتە تىك-توكنىڭ ئامېرىكالىقلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتىگە بولغان ئەندىشىمىز كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ. شۇڭا، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تىك-توك ۋە بايىت دەنىس قاتارلىق خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى ھەققىدە 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن بۇرۇن دوكلات بېرىشنى جىددىي تەلەپ قىلىمىز.»