«تىك-توك» نىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا
2023.05.02
باش شىركىتى خىتايدىكى «بايتى دانس» (ByteDance) شىركىتى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان «تىك-توك» ۋە ئۇنىڭ خىتايدىكى ۋارىيانتى «دويىن» (Douyin)نىڭ بىر قىسىم «نازۇك ئاتالغۇلار تىزىملىكى» بويىچە ئىش كۆرۈۋاتقانلىقى، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مۇھىم نىشان بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارا بولۇشقا باشلىغان.
«فوربېس» تورىنىڭ 1-مايدىكى ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، «بايتى دانس» شىركىتىنىڭ باش شىركىتى تۈزۈپ چىققان «مەنئىي قىلىنغان سۆزلەر» تىزىملىكىدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىشى»، «ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ»، «دويىندىكى شىنجاڭ ۋىدىيولىرى»، «خوڭكوڭ ۋە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى» دېگەندەك سۆزلەر ئورۇن ئالغان.
«تىك-توك» شىركىتىنىڭ باياناتچىسى جامى فاۋاززا (Jamie Favazza) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «فوربېس شىركىتى تەكىتلىگەن بۇ ئەھۋاللار تولۇق بولمىغان، شۇنىڭدەك ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئۇچۇرلار بولۇشى مۇمكىن» دېگەن. ئەمما ئۇ نېمە ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنىڭ «تىك-توك» تىن ئورۇن ئالغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا قارىتا: «مەن بۇ سۆزلەر ھەققىدە قارىسىغا تەسەۋۋۇر قىلسام بولمايدۇ» دەپ تۇرۇۋالغان. بۇ ساھە بىلەن ياخشى تونۇشلۇقى بولغان مۇتەخەسسىسلەر «فوربېس» تورىغا سۆز قىلىپ، «دويىندا مەۋجۇت بولغان چەكلىمىلەرنىڭ تىك-توكتا بىكار قىلىنىدىغانلىقىغا ھېچكىممۇ ھۆددە قىلالمايدۇ» دېگەن.
«فوربېس» تورى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى» دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايلار بىلەن تويلىشىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ باققاندا، دويىن بۇ ھەقتىكى توي ۋىدىيولىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. تىك-توك بولسا بۇ خىل تويلىشىشنىڭ بەختىيارلىق كەيپىياتىدا تەبرىكلىنىشى ھەققىدىكى تەشۋىقات ۋىدىيولىرىنى چىقىرىپ بەرگەن. تىك-توك شىركىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات قورالى بولۇش ھەمدە شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەمىنلەپ بېرىشتەك قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇ ئەپنى مەنئى قىلىشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.