ئامېرىكا تىك-توك ئېپى بايتدەنس شىركىتىدىن ئايرىلمىسا ئۇنى چەكلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان

ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتى تىك-توك ئېپى ئەگەر باش شىركىتىنى ئالماشتۇرمىغان تەقدىردە ئۇنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى «چەتئەل مەبلىغى كومىتېتى» (CFIUS) نىڭ تىك-توكقا تاپشۇرغان ئۇلتىماتۇمى بولۇپ، تىك-توك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

تىك-توك شىركىتى يۇقىرىدىكى خەۋەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن ئەمما بېرىلگەن ۋاقىت چېكىنىڭ قانچىلىكلىكىنى ئاشكارىلىمىغان. TikTok باياناتچىسى مائۇرىن شاناخان بولسا بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «تىك-توكنى باش شىركىتىدىن ئايرىشنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىنمۇ 16-مارت كۈنىدىكى باياناتىدا «ئامېرىكا يالغان گەپ تارقىتىپ، تىك-توكقا ئورۇنسىز بېسىم قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

دۇنيا مىقياسىدا 100 مىليوندىن ئارتۇق قوللانغۇچىسى بولغان تىك-توك ئېپىنىڭ خوجايىن شىركىتى خىتاينىڭ بايتدەنس (ByteDance) شىركىتى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايتدەنس ئارقىلىق مىليونلىغان تىك-توك قوللانغۇچىسىنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقى كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. تېخى يېقىندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفېر ۋراي (Christopher Wray) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىك-توك كىشىلەرنىڭ قول تېلېفونلىرىنىڭ يۇمشاق دېتالىنى كونترول قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئامېرىكىلىق قانۇن تۈزگۈچىلەر بولسا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ بۇ ئەپنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا چەكلەش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرى يېقىندا بۇ ئەپنى ئورگان تېلېفونلىرىدا ئىشلىتىشنى چەكلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە، دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك، مۇداپىئە ۋە سودا مىنىستىرلىقى ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان «چەتئەل مەبلىغى كومىتېتى» ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تىك-توك بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ بىر نەتىجە ھاسىل بولمىغان ئىكەن. ئەمما يۇقىرىدىكى بۇ ئۇلتىماتۇم سۆھبەتتە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنى نامايان قىلىدىكەن.