3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تىك-توكنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ شوۋزىدىن گۇۋاھلىق ئالغاندا، جوۋ شوۋزى ئامېرىكادىكى تىك-توك ئاگېنتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەر ساقلىنىدىغانلىقى، ئىچكى ۋە تاشقى تەسىرگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
ئەمما «فوربېس» ژۇرنىلى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر خەۋەرگە كۆرە، ئامېرىكادىكى تىك-توك ئاگېنتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ساقلىنىۋاتقان جاي-شىمالىىي ۋىرجىنيەدىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ ئۇنچە بىخەتەر ئەمەسلىكى مەلۇم بولغان.
تىك-توك شىركىتى باشقا چوڭ شىركەتلەرگە ئوخشاشلا شىمالىي ۋىرجىنىيە سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ بوشلۇقىنى ئىجارە ئالغان بولۇپ، تىك-توكنىڭ بۇ مەركەزدىكى سانلىق مەلۇمات بۆلۈمىنىڭ بىر قىسمىنى ByteDance (دويىن) شىركىتى باشقۇرىدىكەن.
تىك-توك شىركىتىدە بۇرۇن ئىشلىگەن ۋە ھازىر ئىشلەۋاتقان 7 خىزمەتچىنى زىيارەت قىلىش ۋە سانلىق مەلۇمات مەركىزىدىن كەلگەن 60 نەچچە ھۆججەت، رەسىم ۋە ۋىدىيولارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بۇ ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خىتايدىكى ByteDance (دويىن) شىركىتى بىلەن زىچ ئالاقىسى بارلىقى بايقالغان.
تىك-توك شىركىتى بۇ سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن Spur(قاينام) شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مۇلازىمىتېرنى ئىشلەتكەن. بەزى خىزمەتچىلەر بۇ مۇلازىمىتېردىن پايدىلىنىپ، رەقەملىك پۇللارنى قازغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى Spur(قاينام) شىركىتىنىڭ 2020-يىلىلا خىتاي ھەربىي كۈچلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئۇ شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.