خىتاينىڭ «تىك-توك» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارشى «تەشۋىقات ئۇرۇشى» قىلىۋاتقانلىقى پاش بولدى
2022.12.06
«ئاۋسترالىيە پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىغا باھا» ژورنىلىدا 6-دېكابىر ئېلان قىلىنغان ماكس مېيسون (Max Mason) ئىمزاسىدىكى ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، 2021-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلار ھەمدە مۇشۇ مەزمۇندىكى ماتېرىياللارنى تورلاردا ئېلان قىلغۇچىلارغا 620 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى پۇل تۆلىگەن.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ «بىرلىكسەپ بۆلۈمى» گە ئالاقىدار بولغان بىر شىركەت 2021-يىلى ئىيۇلدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ «تىك-توك» مۇنبىرىدىكى بىر تەشۋىقات پائالىيىتى ئۈچۈنلا 64 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق بىر توختامنى ئىمزالاشقا مۇۋەپپەق بولغان. بۇ مەبلەغنىڭ بەدىلىگە مەزكۇر شىركەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «پارلاق شىنجاڭ سىياسىتى» ئۈچۈن قىسقا فىلىملەرنى ۋە بايانلارنى ئىشلەپ تورلاردا تارقاتقان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇ خىلدىكى «شىنجاڭ دېگەن ئاجايىپ ماكان»، «شىنجاڭغا ساياھەتكە بارايلى» دېگەندەك تېمىلاردىكى تەشۋىقات فىلىملىرىنى ئىشلىگەنلەرگە يۇقۇرىسى ئۈچ مىليون سوم (تەخمىنەن 428 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى)، تۆۋىنىگە 800 مىڭ سوم (تەخمىنەن 114 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) پۇل تۆلىگەن. يەنە كېلىپ بۇ ھەقتىكى سەككىز پارچە توختام ھېلىغىچە خىتايچە تور بەتلىرىدە ئاشكارf ئېلان قىلىنغان ئىكەن.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، بۇ خىلدىكى «تەشۋىقات ئۇرۇشى» غا قىسقا فىلىملەرنى ئىشلەپ تەييارلىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتاينىڭ «بىرلىكسەپ بۆلۈمى» گە چېتىشلىق كىشىلەر بولۇپ چىققان. بۇ فىلىملەردىكى خىتايچە يانداشما تېكىستلەرنى ئېنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان تەرجىمانلاردىن دوكتۇر يوڭ ۋەيلىڭ (Wai-Ling Yeung) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «توختام ماتېرىياللىرىدىن قارىغاندا، بۇ ئىشلارغا يالغۇز خىتاي ھۆكۈمىتىلا ئەمەس، يەنە بىرلىكسەپ بۆلۈمى ۋە ساقچى سىستېمىسىمۇ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان. بۇ ھال شى جىنپىڭ دەۋرىدە مىسلىسىز يۇقۇرى پەللىگە چىققان» دېگەن.