ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جەيمس رىش: «تىكتوك ئامېرىكالىقلارنىڭ سالامەتلىكى، مەخپىيەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىتلەرنىڭ بىرى»

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جەيمس رىش (James Risch) يېقىندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى لىنا خانغا خەت يېزىپ، بۇ ئورگاننىڭ ئامېرىكالىق ياش-ئۆسمۈرلەرنى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى تىكتوكتىن قوغداشتا قانداق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. جەيمس رىشنىڭ خېتىدە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي تىكتوكنى ئامېرىكا ياش-ئۆسمۈرلىرىگە قارىتا «مېڭە يۇيۇش ماشىنىسى» ئورنىدا قوللانماقتىكەن. ئۇ خېتىدە، تىكتوكنىڭ ئامېرىكالىقلارنىڭ سالامەتلىكى، مەخپىيەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىتلەرنىڭ بىرى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تىكتوكنىڭ ئامېرىكادا 150 مىليوندىن ئارتۇق ئابۇنتى بار ئىكەن. تىكتوكنىڭ ئامېرىكا ياش-ئۆسمۈرلىرىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان خەۋپىگە قارىتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىكى ئەندىشە بارغانچە كۈچەيتمەكتە. تىكتوكنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى جاۋ شاۋزې بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا گۇۋاھلىق بەرگەندە پالاتا ئەزالىرىنىڭ شىددەتلىك سوئال-سوراقلىرىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا تىكتوك ئابۇنتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى قوغداشقا دائىر نۇرغۇن سوئاللارغا بەكمۇ مۈجمەل جاۋابلارنى بەرگەنىدى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى جەيمس رىش فېدېرايسىيە سودا كومىتېتى رەئىسى لىنا خانغا يازغان خېتىدە، تىكتوكنىڭ ئامېرىكالىق بالىلارغا بولغان تەسىرىنى «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان مۇكەممەل بوران-چاپقۇن» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئۇ «خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى تىكتوك ئامېرىكالىقلارنىڭ سالامەتلىكى، مەخپىيەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ تەھدىتلەرنىڭ بىرى بولماقتا. بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ۋە نەۋرىلىرىمىزنىڭ ئۆزىگە زىيان سېلىش، يېمەك-ئىچمەك قالايمىقانچىلىقى ۋە زىيانلىق جىنسىي ئۆزگەرتىشكە تەشۋىق قىلىش مەزمۇنىدىكى ۋىدىيولارنى كۆرۈش ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قېلىش خەۋپى تېخىمۇ ئاسانلاشماقتا» دەپ كۆرسەتكەن. جەيمس رىشنىڭ خېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە سودا كومىتېتى رەئىسىدىن ئۇنىڭ خېتىگە 30-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن جاۋاب بېرىشىنى، ئۇلارنىڭ بالىلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىدىن قوغداش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.