قۇمۇل تەۋەسىدىن ناھايىتى چوڭ كۆلەملىك تىتان ماگنىت بايلىق زاپىسى بايقالغان
2024.09.11
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە كان بايلىقلىرىنى كەڭ كۆلەملىك ئېچىشقا كىرىشكەن بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدىن ناھايىتى چوڭ كۆلەملىك ۋانادىي تىتان ماگنىت كان زاپىسى بايقالغان. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 10-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى قۇمۇلنىڭ ئېۋىرغول رايونى ۋېييا كان رايونىدىن تېپىلغان بۇ ۋانادىي تىتان ماگنىت كانى بايلىق زاپىسىنى 358 مىليون توننا، مۇناسىۋەتلىك مىنېرال تىتان بايلىقىنىڭ 21 مىليون 500 مىڭ توننا، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك فوسفور بايلىقىنىڭ 5 مىليون 550 مىڭ توننىغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتىكەن.
بۇ كان بايلىقى زاپىسى خىتاي 2017-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىممەتلىك يېشىل ئېنېرگىيە كان بايلىقلىرىنى قېزىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن شىركەتلەرنى بۇ رايونغا كۆچۈرۈپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى توكلۇق ئاپتوموبىل، كۈنتاختا قاتارلىق يېشىل ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېشىنچا ئىشلەپچىقىرىشتا، دۇنيا ئىقتىسادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا تېپىلغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ قۇمۇل تارماق ئەترىتىدىكى خادىملار، يېڭى تېپىلغان بۇ كان بايلىق زاپىسىنىڭ تۆمۈر رۇدىسى، تىتان رۇدىسى كانىنىڭ كۆلىمى چوڭ تىپلىق كانلارغا ئىكەنلىكى، فوسفات رۇدىلىرىنىڭ ئوتتۇرا تىپلىق كان زاپىسىغا كىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ۋانادىي-تىتان ماگنىتى كۆپ خىل مېتال ئېلېمېنتلىرىنىڭ بىرىكمە رۇدىسى بولۇپ، ئاساسلىقى تۆمۈر، ۋانادىي ۋە تىتان بولغان سىمبىيوتىك ماگنىتلىق تۆمۈر رۇدىسىدىن تەركىب تاپقانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىقلار نازارىتىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ سەككىز چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۈملىدىن نۇقتىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن كېيىن، خىتاي 2023-يىلى كان بايلىقى تېپىشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭى ئىستراتېگىيە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۆمۈر، ئالتۇن، بېرىللىي، ئانتىتېلا، كالىي، لىتىي ۋە باشقا ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىشى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن. خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە بازىسى قىلىش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالماقتا.