«تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» دە ئۇيغۇرلار تېخىمۇ قاتتىق نازارەتكە مۇپتىلا بولماقتا

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ 11-دېكابىردىن باشلاپ ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىشى ھەمدە ئۇلار بىلەن 24 سائەت بىرگە بولۇشى باش تېما قىلىنغان «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» نۆۋەتتە جىددىي داۋام قىلماقتا. ھالبۇكى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىشنى بىر مۇھىم مەقسەت قىلغانلىقى بارغانسېرى ئايدىڭلاشماقتا.

«ئامېرىكا ئاۋازى» 26-دېكابىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە مۇتلەق كۆپچىلىكى خىتاي كادىرلار بولغان بۇ «تۇغقانلاشقۇچى» لارنىڭ «ئىناقلىقنى ئالغا سۈرۈش» نامىدا ئۇيغۇرلار خالىمىسىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا سىقىلىپ كىرىۋېلىشى نەتىجىسىدە ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ يىرىكلىشىۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلگەن. چۈنكى تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئۇيغۇرلاردىن مۇتلەق پەرق قىلىدىغان خىتاي كادىرلىرى ئۆزلىرى چۈشكەن ئۆيلەردە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ناماز ئوقۇش، جايناماز ۋە «قۇرئان» ساقلاش قاتارلىق ئىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلماقتا ئىكەن. بۇنى بەزىلەر «ھەممىلا جاينى قاپلىغان گىرەلەشمە نازارەت مېخانىزىمىنىڭ شەخسلەرنىڭ ئۆيلىرىگە سوزۇلۇشى، دەپ تەنقىدلىگەن.

ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى سۈنئىي تۇتۇغقانچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ «يېڭى شەكىلدىكى تاجاۋۇزچىلىق» ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ پىكىرلەر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. گېرمانىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن ئادريان زېنز «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» نىڭ ھېچقانچە يېڭى ئىدىيە ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە «روشەنكى بۇ يېڭىچە بىر نازارەتتۇر. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ‹ئەسەبىيلىك› نىڭ ئىپادىلىرىنى تاپماقچى. شۇڭا بۇنى شەكلى ئۆزگەرگەن تاجاۋۇزچىلىق، دېيىش مۇمكىن» دېگەن.