بۇ يىل يازدا خىتاي ئۆلكىلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ توكىغا تايىنىپ قالغان

خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقى رايونى، ئوتتۇرا رايونى، سىچۈەن-چۇڭچىڭ رايونلىرىدا ھاۋا ئىسسىپ كېتىپ، زاۋۇتلارغا، توڭلاتقۇ ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچلەرگە كېتىدىغان توك سەرپىياتى ئېشىپ كەتكەن، نۇرغۇن زاۋۇتلار تاقالغان، پويىزلار توختاپ قالغان. توكنى نورمىلىق ئىشلىتىش، تېجەپ ئىشلىتىش، تەرتىپ بىلەن ئىشلىتىش چارىلىرى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، توك يەتمەسلىك مەسىلىسى ھەل بولمىغان.

شۇنىڭ بىلەن خىتاي ئېلىكتىر تورى ئۇيغۇر رايونىدا توك چىقىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئىچكىرى خىتاينى مۇمكىنقەدەر يېتەرلىك توك بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى يۈرگۈزگەن. 6-ئايدىن باشلاپ «شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى» رايونلار ئارا توك يولىنى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىچكىرى خىتايدىكى نۇرغۇن ئۆلكىلەرگە توك يەتكۈزگەن، 6-ئايدىن 9-ئايغىچە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 70 مىليارد كلوۋاتتىن ئارتۇق توك يەتكۈزۈپ، تارىخىي رېكورت ياراتقان.

ئۇيغۇر رايونى ھازىر خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇر رايونىدا زور كۆلەمدە بۇلغىنىش ۋە ھاۋا ئىسسىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئامېرىكادىكى مايامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ستانلىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسىگە بولغان ئېھتىياجىنى قامدىماقچى بولغان. ئىچكىرى خىتاينى بۇلغاپ ھاۋاسىنى ئىسسىتىۋەتكەن خىتاي، بۇنىڭ بەدىلىنى يەنە ئۇيغۇر رايونىغا تۆلەتكۈزمەكچى بولغان.