بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 3 پەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتايغا يوللانغان توك مىقتارى 22 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاشقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.10.04

خىتاينىڭ ئىچكىي ئ‍ۆلكىلىرى كەڭ كۆلەملىك ئېلىكتىر توكى كرىزىزىسىگە دۇچ كەلگەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللانغان توك مىقتارى شىددەت بىلەن ئارتقان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 3 پەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئ‍ۆلكىلىرىگە يوللانغان توك مىقتارى 93 مىليارت 500 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئ‍وخشاش مەزگىلىدىكىدىن 22. 4 پىرسەنت ئارتقان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىكى بىر مىليارت 400 مىليون كىشىنىڭ تۇرمۇشىنى بىر ئايلىق توك بىلەن تەمىنلەشكە يېتىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېلىكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كۆمۈرگە تايىنىدىغان بولۇپ، خىتاي دۇنياغا زەھەرلىك كاربۇن گازىنى كونترول قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر ئېلىكتىر ئىستانسىسىلىرىنىڭ كۆلىمى داۋاملىق كېڭەيگەن. بۇ ئەھۋال يېقىندا ب د ت دا سۆز قىلىپ، دۇنياغا زەھەرلىك كاربون گازىنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ ۋەدىسىگە سۇئال پەيدا قىلغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى شى جىنپىڭنىڭ ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى كۆمۈر ئېلىكتىر ئىستانسىسىلىرىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلغان.

شىنجاڭ ئېلىكتىر سودا چەكلىك شىركىتى خادىملىرىنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» گە ئاشكارىلىشىچە، 93 مىليارت 500 مىليون كىلوۋات سائەت توك ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 28 مىليون 500 مىڭ توننا ئ‍ۆلچەملىك كۆمۈر كۆيدۈرۈلىدىكەن. بۇنىڭ قانچىلىك زەھەرلىك كاربوننى ھاۋاغا قويۇپ بېرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. مەلۇم بولۇشىچە، 4-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شۇ كۈنىدىكى ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچىدە خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ قاتارلىق 3 رايوننىڭ ھاۋا سۈپىتى خەتەرلىك، غۇلجانىڭ ھاۋا سۈپىتى ئىنتايىن ساغلام ئەمەس، دەپ كۆرسىتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.