ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان توك خىتاينىڭ مۇھىم توك ئېنىرگىيە مەنبەسىگە ئايلانغان
2022.12.14
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 14-دىكابىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى تەبىئىي بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان توك ھازىر ئىچكىرى خىتاينىڭ سىرتتىن كېلىدىغان ئاساسلىق توك ئېنىرگىيە مەنبەسىگە ئايلانغان. 2010-يىل 11-ئايدىن باشلاپ 2022-يىل 12-ئايغىچە ئىچكىرى خىتايغا يەتكۈزۈلگەن توك 600 مىليارد كىلوۋاتتىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ توك مىقدارى 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىنى 188 كۈن تەمىنلەشكە يېتىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا شامال ئېنىرگىيەسى، قۇياش ئېنىرگىيەسى، سۇ ئېنىرگىيەسى ناھايىتى مول بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىلىرى بۇ بايلىقلاردىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىپ توك ئىشلەپچىقىرىپلا قالماي، ئوت ئېلىكتېر ئىستانسلىرىغا كۆمۈر ئىشلىتىپ، ئىچكىرى خىتايغا توك يەتكۈزگەن. ئۇيغۇر رايونى قۇياش ئېنىرگىيەسى ئارقىلىق توك ئىشلەپچىقىرىشتا خىتاي بويىچە بىرىنچى، شامال ئېنىرگىيەسى ئارقىلىق توك ئىشلەپچىقىرىشتا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» بىلەنلا قالماي، «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش» ئارقىلىق ئىچكىرى خىتايدىكى ئۆلكىلەرنىڭ ئېنىرگىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ كەلگەن. 2010-يىلدىن باشلانغان «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، توك بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 12 يىل ئىچىدە 8 ھەسسە كۆپەيگەن. «شىنجاڭ توكى» بىلەن تەمىنلەنگەن ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرى كۆمۈر قالاپ توك ئىشلەپچىقىرىشتىن قۇتۇلغان بولۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشى زور دەرىجىدە ئازايغان. ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا كۆمۈر قالايدىغان ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىلىرى يەنىلا مەشغۇلاتىنى داۋام قىلماقتىكەن.
ئامېرىكادىكى مايامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ستانلېي تۇپس بۇ مەسىلە توغرۇلۇق رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كۆمۈر ئېلىكتېر ئىستانسىسلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇش ئارقىلىق ئىچكىرى خىتاينىڭ توك ئېھتىياجىنى قامداۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر رايونىنى بۇلغاۋاتقان كاربون گازىنىڭ بەرىبىر ئىچكىرى خىتايغىمۇ زىيانلىق تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.