«ئاسمان خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 18-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى «ئۇچۇر كومىتېتى ئىشخانىسى» (ICO) يېقىندا خېرىدارلارنى يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەقلىي توك قازان (air fryers) ئىشلەتكەندە ئالاھىدە ھوشيار بولۇشنى، چۈنكى بۇ خىل قازانلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى ئۇدۇل خىتايدىكى شىركەت ساندانلىرىغا يوللاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەجرىبىلىرىدە خىتايدا ئىشلەنگەن «شياۋمى» (Xiaomi)، «تېنسېنت» (Tencent) ۋە «ئەيگوستار» (Aigostar) ماركىلىق ئەقلىي توك قازانلارنىڭ ھېچقانداق سەۋەبسىزلا ئۆز ئالدىغا ئۆي ئىگىسىنىڭ تېلېفونىنى ئاۋازغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، خاتىرىلەنگەن ئاۋازلارنىڭ ئۇدۇل خىتايدىكى مۇلازىمېتىرغا كېتىۋاتقانلىقى بايقالغان. ئەمما Hisense ۋە Samsung قاتارلىق تېلېۋىزورلار بولسا شەخسىيەت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئۆي ئىگىسىنىڭ تېلېفونىغا ئۇلانغان ھامان ئالدى بىلەن شۇ كىشىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، ئاندىن ئىش باشلايدىكەن.
تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ خىلدىكى ئۆي ئىگىسىنىڭ تېلېفونىنى خاتىرىگە ئېلىش، تېلېفوننىڭ ئورنىنى مەلۇم قىلىش، تېلېفوندا ساقلانغان ئۇچۇرلارنى ئۈچىنچى تەرەپكە يوللاپ بېرىش قاتارلىق ئىقتىدارنى «تولىمۇ خەتەرلىك قىلمىش» دەپ خۇلاسە چىقارغان. تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ خادىملىرىدىن ستېفان ئالموند (Stephen Almond) بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇنىڭدا خېرىدارلار ئىككى قېتىم ھەق تۆلىگەن بولىدۇ: بىرىنچى قېتىم مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشقا پۇل تۆلەيدۇ؛ ئىككىنچى قېتىمدا بولسا ئۆزلىرىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى ھەق ئورنىدا تۆلىگەن بولىدۇ» دېگەن. شۇنىڭدەك بۇ خىلدىكى ئەقلىي مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆز ئىگىسى توغرىسىدا بەكمۇ نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى بىلىدىغانلىقى، جۈملىدىن ئىگىسىنىڭ كىملەر بىلەن ئۇچراشقانلىقى، قانداق مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، قانداق دورىلارنى يەۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئاشۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا يوللاپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مىلاد بايرىمى ھارپىسىدا ئەنگلىيە بازىرىدا ئاز دېگەندىمۇ 15 مىليارد فوند ستېرلىق قىممىتىدىكى ئەقلىي ئاشخانا ئۈسكۈنىلىرى سېتىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ مەسىلە زور غۇلغۇلا قوزغىماقتا.