دائىرىلەر «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توكىنى ئىچكىرىگە يەتكۈزۈش» كە ئالدىرىماقتا

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توكى ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىنى تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا.

تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، قۇمۇلنىڭ بوغاز يېزىسىدا قۇرۇلۇۋاتقان 800± كىلوۋولتلىق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى «شىنجاڭنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىدىكى ئارىلىقى ئەڭ يىراق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بولۇپ، قۇمۇلنىڭ جەنۇبىدىكى ئېنېرگىيە بازىسىدىن باشلىنىپ، 5 ئۆلكىنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن جېڭجۇدا ئاياقلشىدىكەن. دائىرىلەر ئىچكىرىنى بالدۇرراق توك تەمىنلەش ئۈچۈن قۇرۇلۇشنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرغان.

ئالدىنقى ھەپتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەش چوڭ كۆمۈر بازىسىنىڭ بىرى بولغان غۇلجىدا قۇرۇلغان فېڭخۇاڭ - شىخۇ - غۇلجا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئىشقا باشلايدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توكىنى ئىچكىرىگە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا سالىدىغان زىيىنىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. چۈنكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىرىلغان كۆمۈر ئۆز يېرىدە كۆيدۈرۈلۈپ، توكقا ئايلاندۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھازىرقى پىلاندا يىلدا سىرتقا 165 مىليارد كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزۈش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن 80 مىليون توننا كۆمۈر كۆيدۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بايانات بەرگەندە، بۇ پىلاننى تەنقىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق كۆمۈر يۆتكەشتىكى قاتناش قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇش بىلەن بىرگە، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ مۇھىتىنى قوغداپ قېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.