خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۈگۈن، يەنى 19-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى تۆمۈر داۋامەتنىڭ بېيجىڭدا كېسەل سەۋەبى بىلەن 92 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
تۆمۈر داۋامەت 1950-يىللاردىن تاكى 2003-يىلغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ۋە خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىدە بولغان. ئۇ 1964-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتتە مۇئاۋىن سېكرېتار ۋە مۇئاۋىن رەئىس ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. 1985-يىلىدىن 1993-يىلغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن بېيجىڭغا يۆتكىلىپ، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.
تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر لاگېرلارغا قامالغان، ئۇلاردىن بەزىلىرى قاماق جازاسىغا، بەزىلىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، يەنە بەزىلىرى ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئىسمائىل ئەھمەد بىلەن تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن بۇيان كونا بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.
چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بەزىلىرى تۆمۈر داۋامەتنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىغا قولىدىن كېلىشىچە يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن دەپ قارىسا، يەنە بەزىلىرى ئۇنى خىتاي كومپارتىيەسى تەربىيەلەپ ۋەزىپىگە قويغان قورچاق رەئىس دەپ قارىماقتا.