خىتاي-قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان تۆمۈر يول قۇرۇلۇش تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن

خىتاينىڭ شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 6-ئىيۇن كۈنى بېيجىڭدا خىتاي-قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان تۆمۈر يول قۇرۇلۇش تۈرى بويىچە ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمغا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپاروف ۋە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيايېفلار سىن ئارقىلىق قاتنىشىپ، كېلىشىمنى تەبرىكلىگەنلىكى مەلۇم.

1990-يىللاردىن بېرى قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ماقۇللۇقىغا ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقان قەشقەر-پەرغانە ئارىسىدىكى خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىغا دائىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان خىتاي بىلەن بولغان مۇساپىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايتىدىغان بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا گۇمان ۋە ئەندىشە بىلەن قاراپ كېلىۋاتاتتى.

شىنخۇا تورىنىڭ دېيىشىچە، كېلىشىم مۇراسىمىدا شى جىنپىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈرى ۋە ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر بەلباغ بىر يول بەرپا قىلىشتىكى ئابىدە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش» دەپ مەدھىيەلىگەن. ئۇ يەنە «خىتاينىڭ قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۈچ دۆلەت خەلقىگە ۋە دۆلەتكە نەپ يەتكۈزىدىغان، رايون ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۇ ئىستراتېگىيەلىك يولنى بالدۇرراق بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپاروف ۋە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيافلارمۇ «بۇ تۆمۈر يولنىڭ تېزدىن تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، رايوننىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ياردەم بىلەن تەمىنلىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى» بىلدۈرۈشكەن.

مەزكۇر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى تاماملاش خىزمىتى مەسىلىسىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ بىر-بىرىگە قىلغان زىيارەتلىرىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. بۇ يىل 1-ئايدا يەنە، بۇ ئۈچ دۆلەت تۆمۈريول دائىرىلىرىنىڭ «خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان ئورتاق تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا، بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىش ما شىڭرۇينىڭ ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پۈتسە، قەشقەر-قورغاس ئېغىزى-تاشكەنت يۈك پويىزى قاتنىشىنىڭ 4500 كىلومېتىرلىق مۇساپىسى زور دەرىجىدە قىسقىرايدىغان بولۇپ، قەشقەردىن قىرغىزىستان ئارقىلىق ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىغا بارىدىغان قەشقەر-تورغات-ئوش-ئەنجان لىنىيەسىدىكى بۇ تۆمۈريول مۇساپىسى 523 كىلومېتىرغا چۈشىدىكەن.

ھالبۇكى، قەشقەر بىلەن پەرغانە ئارىسىدىكى بۇ تۆمۈريول ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئاساسى ئەمگەك كۈچى مەنبەسى قىلغان ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ۋە «بىر بەلباغ بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرامدۇ، دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا.