«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 21-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گولمۇد شەھىرىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كورلا شەھىرىگىچە سوزۇلغان گولمۇد-كورلا تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى رەسمىي تاماملانغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر لىنىيە گولمۇد شەھىرىدىن باشلىنىپ سەيدام ئويمانلىقى ئارقىلىق ئالتۇن تاغدىن كېسىپ ئۆتىدىكەن ھەمدە چاقىلىق ناھىيىسى ئارقىلىق كورلا شەھىرىگە بارىدىكەن. ئۈچ يىلدا تاماملانغان، ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 1200 كىلومېتىر بولغان بۇ تۆمۈريول لىنىيەسىدىكى پويىز قاتنىشىنىڭ سۈرئىتى سائىتىگە 120 كىلومېتىر بولىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپلەپ ئايرودروم ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ قاتناش تورلىرىنىڭ نورمال ئېھتىياجدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار بۇ قاتناش يوللىرىنىڭ يولۇچى توشۇشنى ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربكە غايەت زور ساندا نوپۇس كۆچۈرۈش ھەمدە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ يەر ئاستى بايلىقىنى تېخىمۇ زور مىقداردا يۆتكەپ كېتىش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئالغا سۈرمەكتە.