ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى 2017-يىللىق چاغان مەزگىلىدە 3 مىليۇن 800 مىڭ يولۇچى توشۇيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن


ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى 2017-يىللىق چاغان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۈچ مىليون 800 مىڭ يولۇچى توشۇيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتىكەن. بۇنى بۇلتۇرقى ئوخشاش ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا كۆپىيىش نىسبىتى 20 پىرسەنتكە يېقىنلىشىدىكەن.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ چاغان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچكىي قىسمىدا يولۇچى توشۇش خىزمىتى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلىنىپ، 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.

يولۇچى توشۇش جەمئىي 40 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كۈنىگە تەخمىنەن 95 مىڭ يولۇچى توشۇش مۆلچەرلەنمەكتىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇدىغان يولۇچى 850 مىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى يولۇچى ئىككى مىليون 950 مىڭغا يېتىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدىكى ۋاقىت ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۆمۈريول قاتنىشىدا ئېغىر بېسىم پەيدا بولىدىغان مەزگىل ئىكەن. ئۇيغۇر دىيارىغا پۇل تاپقىلى چىققان خىتاي ئىشلەمچىلىرى بىلەن چاغان ئۆتكۈزگىلى خىتاي ئۆلكىلىرىگە قاراپ يولغا چىققان خىتاي يولۇچىلار تۆمۈريول قاتنىشىغا جىددىي بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي تۆمۈريول ئىدارىسى ئېلان قىلغان 3 مىليۇن 800 مىڭ يولۇچىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا نىسبەتەن ئاز سان ئەمەسلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور كۆلەمدىكى خىتاي ئاھالىسىنى ئۇيغۇر دىيارىغا ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، بوستانلىق كۆلىمى ئىنتايىن كىچىك بولغان بۇ زېمىندا ئەسلىدىكى يەرلىك ئاھالىلارنى ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.