ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى بازىرىدىكى 30 دىن ئارتۇق يايما دۇكانلارنىڭ كۆيۈپ كېتىشى تۈرلۈك گۇمانلارنى قوزغىدى

خىتاينىڭ ياشىن تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 25 - ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تۆمۈر يول ئىدارىسى بازىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدە 30 نەچچە يايما دۇكان كۆيۈپ كۈل بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول بازىرىدا تىجارەت قىلىدىغانلار ئاساسەن خىتايلار بولۇپ، بۇ قېتىم ئاپەتكە ئۇچرىغان تىجارەتچىلەرنىڭ 100 مىڭ سوم قىممىتىدىكى ماللىرى كۆيۈپ كەتكەن.

خىتاي تورلىرىدىكى خەۋەرلەردە ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىنىڭ قەستەن پەيدا قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما تۆمۈر يول بازىرى قاراشلىق ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر ساقچى ئىدارىسى ۋەقەنىڭ تېخى تەكشۈرۈش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان. دائىرىلەر 13 - ئاپرېل خوتەندە يۈز بەرگەن تۇرالغۇ رايوندىكى ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىمۇ ھازىرغىچە ئېنىق بىر جاۋاب بەرمىگەن بولۇپ، شۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى ھەققىدە ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەن ئىنكاسلاردا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىدىدىكىلەرنىڭ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جايغا كېچىكىپ كەلگەنلىكى ھەم ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىغا سۇ قاچىلانمىغانلىقى قاتارلىقلار ئىنكاس قىلىنىپ، شۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدە خوتەندىكى ئۇيغۇر قاشتېشى تىجارەتچىلىرىنىڭ 150 مىليون سومدىن ئارتۇق مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.