خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئانتېم سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تور سانلىق ئامبىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 80 مىليون كىشىنىڭ سالامەتلىك ئۇچۇرىنى ئوغرىلاش ۋەقەسىدە قولى بارلىقىنى رەت قىلدى.
ئامېرىكا بلۇمبېرگ خەۋەرلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقەنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن خەۋەردار كىشىلەر تور ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئانتېم سۇغۇرتا شىركىتى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ سالامەتلىك سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر شىركەتنىڭ تورى يېقىندا تور بوزارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
ئانتېم شىركىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تور بۇزالار 80 مىليون كىشىنىڭ ئىسمى، تۇغۇلغان ۋاقتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نومۇرى، ئۆي ئادرېسى، ئېلخەت ئادرېسى، خىزمىتىگە ئالاقىدار نۇرغۇن ئۇچۇرنى ئوغرىلاپ كەتكەن.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم تور ئوغرىلىق ھەرىكىتى بىلەن ئەيىبلىنىشى ئەمەس.
2014-يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 61398-قىسمىدا تۇرۇشلۇق 5 ھەربىي تور بوزار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.
لېكىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي جۈمە كۈنى «ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونى ئاساسسىز ئەيىبلىمەسلىكى كېرەك. تولۇق دەلىل بولماي تۇرۇپ ئەيىبلەش يولسىزلىق» دېگەن.