ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئو پانېتتا جۈمە كۈنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھتى تەشكىلاتى-ناتونىڭ كېلەر قېتىملىق مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا تور ھۇجۇمى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پانېتتا، ئۇ ش ئا ئە ت نىڭ 21، 22-فېۋرال كۈنلىرى بېريۇلسېلدا ئېچىلغان مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا تور ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىن مەزكۇر مەسىلىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىندا نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىشقا قوشۇلغان.
ش ئا ئە ت نىڭ تور ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆزىنىڭ مۇزاكىرە كۈنتەرتىپىگە ئېلىشنى قارار قىلغان بۇ ۋاقىت، دەل خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا، كارخانا، ئاممىۋى جەمئىيەت تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى ئېلان قىلىنغان پەيتكە توغرا كەلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تور ھۇجۇمىدا قولى بارلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن «مەندىئانت» ناملىق بىر ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك شىركىتى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق 61398-قىسمىنىڭ تور ھۇجۇمى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
پانېتتا بېريۇلسېلدا مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ: بىز خۇسۇسى، ئاممىۋى ۋە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تور بەتلىرىنىڭ ئىزچىل ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. شۈبھىسىزلىكى، تور كەلگۈسىدىكى ئۇرۇش مەيدانى ۋە ش ئا ئە ت دىققەت قىلىدىغان بىر مەسىلە، دېگەن.
