خىتاي ئامېرىكىلىق تور بۇزارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ يەنشىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا تور بۇزارلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قاراشلىق ئىككى تور بەتكە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي تور بېتى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 144 مىڭ قېتىم خاككىرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ 62 پىرسەنتىنى ئامېرىكىدىن كەلگەن ھۇجۇمنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ باياناتى ئامېرىكىدىكى تور خەۋپسىزلىكى شىركىتى «مەندائىنت» نىڭ خىتاي ھەققىدىكى باياناتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەزكۇر شىركەت يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا، شىركەت ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىغا، ئاممىۋى جەمئىيەت تور بەتلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.

باياناتچى گىڭ يەنشىڭ بۈگۈن «باشقىلارغا ئوخشاش خىتايمۇ تور ھۇجۇمىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراۋاتقان بىر دۆلەت» دېدى. خىتاي دائىرىلىرى مەندائىنت شىركىتىگە بەرگەن جاۋابىدىمۇ ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى «ئاساسسىز» دەپ كۆرسىتىپ، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ۋەقە بىلەن چېتىشلىقى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.