خىتاي ئامېرىكىنى تور بۇزغۇنچىلىقى بىلەن ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.05.08


ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي توغرىلىق ھەربىي دوكلات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى چارشەنبە كۈنى يەنە داۋاملىق تەنقىد قىلدى.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاۋازى - «خەلق گېزىتى» چارشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، ھەقىقىي تور بۇزغۇنچىسى ئامېرىكىنىڭ ئۆزى، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ خىتاي بىلەن قوشنا ئەللەر ئارىسىغا ئىختىلاپ سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى داۋاملىق كېڭەيتىشى، ئۇنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي پائالىيىتى قوشنا ئەللەرنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ يەنە، ئامېرىكا ئاممىۋى ۋە ھەربىي كومپيۇتېر سېستىمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، جاسۇسلۇق پائالىيىتىنى ھەربىي زامانىۋىيلىشىشقا سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خىتاينىڭ «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ دوكلاتىنى «جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق» دېگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ دوكلاتىدا، تۇنجى قېتىم تور ھۇجۇمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئامېرىكا مەندىيانت تور بىخەتەرلىك شىركىتى بۇ يىل 2 - ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، تور ھۇجۇمىنى ئازادلىق ئارمىيىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق بىر قىسىمى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كاسپارىسكىي ناملىق يەنە بىر شىركەت، خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ د ئۇ ق تورى ۋە قۇرۇلتاي خادىملىرىنىڭ ئېلخەت ساندۇقىغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.