ئامېرىكا-خىتاي دائىرىلىرى ئىنتېرنېتتە ئۆزئارا ھەربىي ھۇجۇم قوزغىماسلىق كېلىشىمى ئىمزالىماقچى

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋە خىتاي دائىرىلىرى ئىنتېرنېتتە ئۆزئارا ھەربىي ھۇجۇم قوزغىماسلىق كېلىشىمى ئىمزالاشقا مەخپىي ھالدا ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 19- سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىشتىن خەۋەردار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تىنچلىق دەۋرىدە قارشى دۆلەتنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسىلىرىگە ئىنتېرنېت ھەربىي ھۇجۇمى قوزغىماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە تۈزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كېلىشىمىدە يەنە قارشى تەرەپنىڭ ئېلىكتۇر ئىستانسىلىرى، بانكا سىستېمىسى، يانفون سىگنال مۇنارلىرى، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلماسلىق ھەققىدىكى مەزمۇنلارمۇ كىرگۈزۈلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كېلىشىمنى ھاسىل قىلىش قەدەملىرى ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان تېخىمۇ جىددىي ئېلىنىشقا باشلىغان.

تور بىخەتەرلىكى ۋە خىتايدىن ئامېرىكىغا كېلىدىغان تور ھۇجۇملىرى مەسىلىسى ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى ئەڭ جىددىي تېمىلارنىڭ بىرى ئىدى.

يېقىندا ئامېرىكا خادىم باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن 22 مىليون ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ كىملىك مەخپىيەتلىكلىرى ئوغرىلاپ كېتىلگەن.

خىتايدىن كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزكۇر ھۇجۇم ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدە كەسكىن مۇنازىرە قوزغىغان ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما مەزكۇر ھۇجۇمغا قارىشى ئوخشاش شەكىلدە ئۆچ ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، كېلىشىم خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.