ئەنگلىيەلىك تەتقىقاتچى ۋە سىياسەت مەسلىھەتچىسى لىمور سىمخونېي 16-ئۆكتەبىر «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ماقال ئېلان قىلىپ، تور ئۇرۇشى پرىنسىپىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان نۇقتىلارغا قارشى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى جازالاشتا يۇقىرى تېخنىكىغا تايىنىدىغان بولۇپ، بۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات توپلىشى ۋە لاگېرلارغا سوقۇنۇپ كىرىشىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىدىكەن.
لىمور سىمخونېي «تور ھۇجۇمى شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى توختىتالامدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت «شىنجاڭنى مەۋھۇم قەپەزگە ئايلاندۇرۇپ، خىتاينى كىمنىڭ دۆلەتكە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەھلىل، ئانالىز ۋە قارار قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل سىستېما باشقا دۆلەتلەرنىڭ تور ھۇجۇمى قىلىپ، لاگېرلارنىڭ مەشغۇلاتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، تور ئۇرۇشى پرىنسىپىنى شىنجاڭدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان نۇقتىلارغا قارشى ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. ئۇ، لاگېرلاردىكى تېخنىكا ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان يوشۇرۇن ۋە نىشانلىق تور ھۇجۇمىنىڭ نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ تور بىخەتەرلىك تەدبىرى ناھايىتى ئىلغار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدە يەنىلا بوشلۇق بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاپتورنىڭ تەكىتلىشىچە، تور ھۇجۇمى خىتايغا «خەلقئارا جەمئىيەت شىنجاڭ ياكى تىبەتكە ئوخشاش باشقا رايونلاردىكى ئېتنىك تازىلاشنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەن سىگنالنى بېرىدىكەن.